فىرانسىيە پ ك ك ئەزاسى بىر تېررورچىنى تۈركىيەگە يولغا سېلىۋەتتى

فىرانسىيە پاناھلىق ئىلتىماسىنى رەت قىلغان بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى بىر تېررورچىنى تۈركىيەگە يولغا سېلىۋەتتى.

1492137
فىرانسىيە پ ك ك ئەزاسى بىر تېررورچىنى تۈركىيەگە يولغا سېلىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2006 - يىلى قانۇنسىز يوللار بىلەن فىرانسىيەگە بارغان پ ك ك ئەزاسى مەھمەت يالچىن، ئۆتكەن يىلى پارىژ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللايدىغان پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر يىلىنى كېچىكتۈرۈشكە بولىدىغان شەكىلدە ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.

پ ك ك ئەزاسى يالچىننىڭ ئۇدا بىر قانچە قېتىم سۇنغان ئىلتىماسلىرىنى رەت قىلغان فىرانسىيە، بۇ قېتىم ئۇنى تۈركىيەگە يولغا سېلىۋەتتى.

تۈركىيەدە يالچىن ئۈستىدىن ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش جىنايەتلىرى سەۋەبلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر