ئىسرائىلىيە - ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئىسرائىلىيە- بەھرەيىن «نورماللىشىش» كېلىشىملىرى ئىمزالاندى

ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەيىن ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان «مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللاشتۇرۇلۇشى» كېلىشىملىرى ئىمزالاندى.

1491630
ئىسرائىلىيە - ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئىسرائىلىيە- بەھرەيىن «نورماللىشىش» كېلىشىملىرى ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەيىن ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان «مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللاشتۇرۇلۇشى» كېلىشىملىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا ئىمزالاندى.

مۇراسىمغا تىرامپتىن باشقا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نىتانياھو، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھ بىن زەيىد ئال نەھيان ۋە بەھرەين تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللەتىف بىن راشىد ئەززەيانى قاتارلىقلار قاتناشتى.

ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئىسرائىلىيە بىلەن بەھرەيىن ئوتتۇرىسىدا ئايرىم – ئايرىم ھالدا مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاندى؛ 3 دۆلەت «ئابراھام (ئىبراھىم) كېلىشىمى» ناملىق بىر كېلىشىم تېكىستىگە ئورتاق ئىمزا قويدى.

تىرامپ ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، مۇراسىمغا قاتناشقان رەھبەرلەرگە رەھمەت ئېيتىپ، «بۈگۈن بىز بۇ يەردە تارىخنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تۇرۇۋاتىمىز. ئۇزۇن يىللىق بۆلۈنۈش ۋە توقۇنۇشلاردىن كېيىن، يېڭى ئوتتۇرا شەرقنىڭ شەپەق پەيتىدە تۇرۇۋاتىمىز» دېدى.

ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەر ئارقىلىق «ھەر خىل ئېتىقاد ۋە ئارقا كۆرۈنۈشتىكى كىشىلەر تىنچ ۋە باياشات ياشايدىغان بىر كەلگۈسى» يارىتىش ئۈچۈن مۇھىم قەدەم تاشلىغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن ترامپ، ئىسرائىلىيە، بەھرەيىن ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىملەرنىڭ پەقەت بىر ئاي ئىچىدە ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.

ترامپ باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئىسرائىلىيە بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئىسرائىلىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەيىن ئۆزئارا باش ئەلچى تەيىنلەيدۇ، ساياھەت، سودا، ساغلاملىقتىن بىخەتەرلىككىچە بولغان نۇرغۇن ساھەلەر كۈچلۈك ھەمكارلىقلارنى، شېرىكچىلىكلەرنى ئورنىتىشقا باشلايدۇ» دېدى.

دونالد ترامپ مەزكۇر ئۈچ دۆلەتنىڭ «دوست» ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، «ئابراھام (ئىبراھىم) كېلىشىمى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى مۇقەددەس جايلارنى زىيارەت قىلىشى ۋە مەسجىدى ئەقسادا خاتىرجەم ھالدا دۇئا - تىلاۋەت قىلىشىنىڭمۇ ئىشىكىنى ئاچتى» دېدى.

ئۇ، ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەرنىڭ رايوندا تېخىمۇ كەڭ تىنچلىقنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «يەھۇدىيلار بىلەن ئەرەبلەرنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكى ۋە مەسجىدى ئەقسانىڭ ھۇجۇم ئاستىدا ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلگەن يالغان، رايون ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىقنىڭ كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ كېلىشىملەر رايون خەلقلىرىنىڭ ئۆتمۈشتىكى مەغلۇپ بولغان ئۇسۇللىرىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ترامپ، بۈگۈننىڭ دۇنياسىدا ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى توقۇنۇشتىن يۇقىرى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «بۇ دۆلەتلەر، ئەرەبلەر، ئىسرائىلىيەلىكلەر، مۇسۇلمانلار، يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىيانلار ئىناقلىق ۋە تىنچلىق ئىچىدە بىرلىكتە ياشىيالايدىغان، دۇئا - تىلاۋەت قىلالايدىغان، يانمۇيان تۇرۇپ خىيال سۈرەلەيدىغان كەلگۈسىنى تاللايدۇ» دېدى.

يەنە 5 ياكى 6 دۆلەتنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزا قويالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ترامپ، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ئىسىملىرىنى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 13 - ئاۋغۇستتا، ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، 11 - سېنتەبىردە ئىسرائىلىيە بىلەن بەھرەيىن ئوتتۇرىسىدا «مۇناسىۋەتنى پۈتۈنلەي نورماللاشتۇرۇش» توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

1979 - يىلى مىسىر ۋە 1994 - يىلى ئىيوردانىيەدىن كېيىن، ئىسرائىلىيە بىلەن نورماللاشتۇرۇش كېلىشىمى ھاسىل قىلغان ئۈچىنچى ئەرەب دۆلىتى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، تۆتىنچى ئەرەب دۆلىتى بەھرەيىن بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر