ئامېرىكادا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تېننېسسې ئىشتاتىدا كىچىك بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ 3 كىشى قازا قىلدى.
1488155
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فېدېراتسىيە ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، يەككە ماتور «Piper PA-28» تىپلىق ئايروپىلان، ناشۋىللېنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا، Warren County Memorial ئايرودرومىغا يېقىن جايدا چۈشۈپ كەتكەن. قازادا، ئايروپىلاندىكى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە قىسىمىدىن 3 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، قازادىن كېيىن تەكشۈرۈش باشلانغان.