ھەربىي ئىسيانچى ھافتەر ئۇرۇش توختىتىش قارارىغا خىلاپلىق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا

لىۋىيە ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىپە ھافتەرگە تەۋە  قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ 80 ھەربىي ماشىنىدىن تەشكىل تاپقان ماشىنا ئەترىتىنىڭ جۇفرا شەھىرىدىن ئەل-لۇد شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1487495
ھەربىي ئىسيانچى ھافتەر ئۇرۇش توختىتىش قارارىغا خىلاپلىق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە ئارمىيەسى باياناتچىسى مۇھەممەد قۇنۇنۇ لىۋىيە ئارمىيەسى ئېلىپ بارغان «غەزەپلىك ۋولقان» ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ فېيسبۇك سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، ھافتەر قوراللىق ئۇنسۇرلىرىغا تەۋە 80 ئاپتوموبىلنىڭ سىرتەگە يېقىن لۇد شەھىرىگە يوللانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مەزكۇر ھەربىي ماشىنىلارنىڭ ئەۋەتىلىشىنىڭ ھافتەر قوراللىقلىرىنىڭ ئالدىنقى بەش قېتىملىق ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىدىن كېيىنكى يۈز بەرگەن خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن قۇنۇنۇ، لىۋىيە ئارمىيەسى قىسىملىرىغا تەييارلىق ھالىتىگە ئۆتۈشكە بۇيرۇق بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

لىۋىيە باش مىنىستىرى فايىز ئەس سەرراج ۋە ھافتەرنىڭ سىياسى ئىتتىپاقدىشى توبرۇك ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى ئاقىلە سالىھ 21 - ئاۋغۇستتا ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش قارارى چىقارغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئۇرۇش توختىتىش قارارى دائىرىسىدە، سىرتە ۋە جۇفرانىڭ قورالسىز رايونلارغا ئايلاندۇرۇلىشى، دۆلەتتە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورتنىڭ قايتا باشلىنىشى، چەتئەللىك ۋە ياللانما ئەسكەرلەرنىڭ دۆلەتتىن چىقىپ كېتىشى شۇنداقلا كېلەر يىلى مارتتا پىرېزىدېنت كېڭىشى چوڭ سايلامىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر