دۇنيا مىقياسىدىكى يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 850 مىڭغا يەتتى

دۇنيا مىقياسىدا كوۋىد – 19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 854775 كە يەتتى؛ يۇقۇملانغۇچىلار سانى 25 مىليون 638 مىڭدىن، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 17 مىليون 943 مىڭدىن ھالقىدى.

1482560
دۇنيا مىقياسىدىكى يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 850 مىڭغا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇقۇمنىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا قازا قىلغانلار سانى 187736 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 6 مىليون 211 مىڭغا؛ بىرازىلىيەدە قازا قىلغانلار سانى 121381گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 3 مىليون 908272 گە، مېكسىكادا قازا قىلغانلار سانى 64414 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 599560 قا يەتتى.

فىرانسىيەدە جەمئىي قازا قىلغانلار سانى 30635 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى يېقىنقى 24 سائەتتە يۇقۇم بايقالغان 3082 كىشىنى قوشقاندا جەمئىي 281025 كە؛ ئىتالىيەدە قازا قىلغانلار سانى 35483 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 269214 كە؛ ئىسپانىيەدە يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 141 ئادەمنىڭ قازا قىلىشى بىلەن جەمئىي قازا قىلغانلار سانى 29974 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 462858 كە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر