ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى 19 مىڭ خىزمەتچىسىنى ئىشتىن بوشىتىدىغان بولدى

ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى كوۋىد-19 يۇقۇمىنىڭ ئاۋىئاتسىيە ساھەسىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىشى سەۋەبىدىن 19 مىڭ خىزمەتچىسىنىڭ ئۆكتەبىردە ئىشتىن بوشىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1479468
ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى 19 مىڭ خىزمەتچىسىنى ئىشتىن بوشىتىدىغان بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى شىركەت خادىملىرىغا مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك يوللىغان ئۇچۇرىدا 1 - ئۆكتەبىردىن باشلاپ خادىملارنى قىسقارتىشقا باشلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇچۇردا، سىنتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە يۇقۇمنىڭ كونترول ئاستىغا ئېلىنىشى ۋە ئاۋىئاتسىيە ساياھىتىنىڭ نورمال ھالەتكە كېلىشى مۆلچەرلەنگەنلىكى، بىراق ئەمەلىي ۋەزىيەتنىڭ بۇنداق بولمىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئەگەر ئاۋىئاتسىيە شىركىتى نەپ ئالغان مائاشنى قوللاش پروگراممىسىنىڭ مۇددىتى ئۇزارتىلسا، خادىملارنى قىسقارتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئالدىنقى ئايدا كوۋىد -19 يۇقۇمىنىڭ ئىقتىسادىي تەسىرى سەۋەبىدىن 25 مىڭ خادىمنىڭ خىزمىتىنىڭ خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكادا ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى مارتتا خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشىنى تۆلىشىگە ياردەم بېرىش مەقسەت قىلىنغان 25 مىليارد دوللارلىق ياردەمگە ئېرىشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر