رۇسىيە: تىك ئۇچار تېخنىكىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىشتا تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئوچۇقمىز

رۇسىيە تىك ئۇچار تېخنىكىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىشتا تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1479432
رۇسىيە: تىك ئۇچار تېخنىكىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىشتا تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئوچۇقمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى شىركىتى «Rosteh» (روستېخ) قا تەۋە رۇسىيە تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى سانائىتى باش مۇدىرى ئاندرېي بوگىنسكىي موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن «Armia-2020» پائالىيىتىدە، ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، رۇسىيە ۋە تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىك ئۇچار ئىشلەپچىقىرىشى ھەققىدە توختالدى.

ئاندرېي بوگىنسكىي تۈركىيەگە ئوت ئۆچۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك «Ka-32» تىپلىق 3 تىك ئۇچار ئايروپىلاننى تاپشۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،  «Ka-32» تىپلىق تىك ئۇچارلىرىنىڭ تۈركىيەدىن باشقا يەنە، ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىمۇ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

بوگىنسكىي تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا تېخنىكا ۋە ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «تىك ئۇچار تېخنىكىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىشتا ھەمكارلىققا ئوچۇقمىز. تېما بازارنىڭ ئەھۋالى ۋە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك. بىز بۇ ساھەدە ھەمكارلىقنى مۇزاكىرە قىلىشقا تەييارمىز»دېدى.

بوگىنسكىي ئۆتكەن يىلى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن موسكۋا زىيارىتىدە كۆرۈكەندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە سانائىتى شىركىتى «TUSAŞ/TAI» تەرىپىدىن  ئىشلەپچىقىرىلغان زاپچاسلارنى رۇسىيەدە ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ،  «رۇسىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە تىك ئۇچار ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى كۆرمەكتىمىز» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر