ھاماس: سۆھبەت ئاخىرلاشتى

ھاماس  مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى بىلەن ئۇدا ئىككى كۈن داۋاملاشقان غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئۆزئارا ئەسىر ئالماشتۇرۇش سۆھبىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

2135798
ھاماس: سۆھبەت ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماس تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى:

«قاھىرەدىكى سۆھبەت ئاخىرلاشتى. ھاماس ۋەكىللەر ئۆمىكى ھاماس رەھبەرلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن قاھىرە شەھىرىدىن ئايرىلىدۇ.»

«ھاماس ۋەكىللەر ئۆمىكى كېلىشىم تەكلىپىگە قارىتا جاۋابىنى مىسىر ۋە قاتاردىكى مۇرەسسەچىلەرگە يەتكۈزدى.»

باياناتتا، كېلىشىم تەكلىپى ياكى ھاماسنىڭ بۇ تەكلىپكە قارىتا جاۋابى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

مىسىر بىلەن قاتارنىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە تەييارلانغان يېڭى ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئۆزئارا ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈنۈگۈن (5-ماي) قاھىرەدە مۇزاكىرە قىلىنىشقا باشلانغانىدى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي، غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى كەم دېگەندە مەجبۇرىي كۆچۈرۈۋېتىلگەن تەخمىنەن 1.5 مىليون پەلەستىنلىك پاناھلىنىۋاتقان رەفاھ رايونىغا يەنە بىر قېتىم قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بارىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرمەكتە.

ھاماس بولسا، ئىمزالانغۇسى ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىدە غەززەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشقا كاپالەتلىك قىلىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىدا جېنىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 35 مىڭغا يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر