پومپېيو ئىراققا 200 مىليون دوللار ياردەم قىلىشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئېيتتى

ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇئاد ھۈسەيىن ئامېرىكانىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

1476816
پومپېيو ئىراققا 200 مىليون دوللار ياردەم قىلىشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فۇئاد ھۈسەيىن ئېنېرگىيە، سەھىيە ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ  مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، «بىز ئامېرىكا بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردە ئورتاق كىلىشىمنامە ئىمزالايمىز. ئامېرىكا ئىراقنىڭ دوستىدۇر. تېررورلۇققا قارشىكۈرەشتە باغدات بىلەن ۋاشىنگتون ئوخشاش سەپتە تۇرماقتا» دېدى.

فۇئاد ھۈسەيىن قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئىراقنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق دائىرىسىدە، ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى  خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيومۇ: «بىز ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇددەتتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈشىنى قوللايمىز. ئىراققا 200 مىليون دوللار ياردەم قىلىشقا ۋەدە بەردۇق. بىز چىرىكلىكتىن خالىي بىر ئىراقنى ئۈمىد قىلىمىز» دىدى.

ئىراق باش مىنىستىرى مۇستاپا ئەلكازىمى ئالدىنقى كۈنى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەيئەت بىلەن ۋاشىنگىتونغا يېتىپ بارغان ۋە  ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر