گېرمانىيە: رۇسىيەنىڭ ۋاكسىنىسى يېتەرلىك دەرىجىدە سىناقتىن ئۆتكۈزۈلمىدى

گېرمانىيە، رۇسىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) ۋاكسىنىسىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە سىناق قىلىنمىغانلىقىنى، مىلياردلارچە كىشىنى بەك بالدۇر ۋاكسىنىلاشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1471589
گېرمانىيە: رۇسىيەنىڭ ۋاكسىنىسى يېتەرلىك دەرىجىدە سىناقتىن ئۆتكۈزۈلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، گامالېيا ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان، رۇسىيەنىڭ تۇنجى كوۋىد – 19 ۋاكسىنىسىنىڭ سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى ۋە بۇ كوۋىد – 19 ۋاكسىنىسى رەسمىي تەستىقتىن ئۆتكەن تۇنجى دۆلەت بولغانىدى.

موسكۋانىڭ ئاخىرقى سىناقلار تاماملانماستىنلا ۋاكسىنىنى تەستىقلىشى بەزى مۇتەخەسىسىسلەردە ئەندىشە پەيدا قىلدى؛ گېرمانىيە سەھىيە مىنىستىرى يېنس سپان، «مىليونلارچە ئىنساننى، ھەتتا مىلياردلارچە ئىنساننى بەك بالدۇر ۋاكسىنىلاشقا باشلاش خەتەرلىك بولۇشى مۇمكىن. رۇسىيەدە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلاردىن بەكلا گۇمانلىنىمەن. ئاساسلىق مەسىلە، رۇسلارنىڭ بىزگە بەك كۆپ بىر نەرسە دېمەسلىكى. بۇ يېتەرلىك دەرىجىدە سىناق قىلىنمىدى» دېدى.

سپان، يۇقۇم جەريانىدىمۇ سىناقلارنى قىلىپ، نەتىجىسىنى خەلق بىلەن ئورتاقلىشىشنىڭ ئىشەنچ مۇھىتى يارىتىش نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «رۇس سەھىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىمىز. ۋاكسىنىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق ئۆلچەملىرىنى ئورۇندىغان بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى ئالاقە داۋام قىلىۋاتىدۇ. دەسلەپكى قەدەمدىكى لاياقەتلىك بولۇش ئۆلچىمى، ۋاكسىنىنىڭ بارلىق بىخەتەرلىك ۋە ئۈنۈم نەتىجىلىرىنىڭ ئەستايىدىل تەكشۈرۈلۈشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر