رۇسىيەدە تۇنجى يۇقۇم ۋاكسىنىسى تەستىقتىن ئۆتتى
رۇسىيەدە ئىشلەپچىقرىلغان تۇنجى ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) ۋاكسىنىسى رۇسىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتتى.
1470983
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، گامالېيا ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان، رۇسىيەنىڭ تۇنجى كوۋىد – 19 ۋاكسىنىسىنىڭ سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ۋاكسىنىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئىشلەپقىرىشنىڭ يېقىندا باشلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن پۇتىن، ئۆز قىزىغا مەزكۇر ۋاكسىنىنىڭ سېلىنغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.