كانكاۋىد ياللانما ئەسكەرلىرى ھافتەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن سىرتەگە باردى

لىۋىيەدە سۇداندىن ئېلىپ بېرىلغان كانكاۋىد قوراللىقلىرىغا تەۋە 70 ئاپتوموبىلنىڭ سىرتە شەھىرى يولىدا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1470990
كانكاۋىد ياللانما ئەسكەرلىرى ھافتەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن سىرتەگە باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە ئارمىيەسىنىڭ «غەزەپ ۋولقىنى ھەرىكىتى» نىڭ رەسمىي فېيسبۇك ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، ھەربىي ئاپتوموبىللار بىلەن سىرتەگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان كانكاۋىد قوراللىقلىرىنىڭ بىرىگا رايونىدا سۈرەتكە ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا ، سۇداندىن ئېلىپ بېرىلغان كانكاۋىد ياللانما ئەسكەرلىرىنىڭ 70 قوراللىق ئاپتوموبىل بىلەن ئىسيانچى ئەسكەر ھافتەرگە ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن سىرتەگە قاراپ كېتىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىفە ھافتەرنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مالىيە ، سىياسىي ۋە ھەربىي قوللىغۇچىسى بولغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ھافتەر سېپىدە تۇرۇپ جەڭ قىلىشى ئۈچۈن روسىيە بىخەتەرلىك شىركىتى- ۋاگنېرغا قاراشلىق مىڭلارچە ياللانما ئەسكەرلەرنى، سۈرىيەلىك جەڭچىلەرنى ۋە سۇدان كانكاۋىد قوراللىقلىرىنى  لىۋىيەگە يوللىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر