دۇنيا ئەللىرى لىۋاندىكى پارتلاش توغرىسىدا ئارقا - ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلدى

دۇنيا جامائەتچىلىكى لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتا يۈز بەرگەن پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن ئارقا - ئارقىدىن باياناتلارنى ئېلان قىلدى...

1467644
دۇنيا ئەللىرى لىۋاندىكى پارتلاش توغرىسىدا ئارقا - ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتا يۈز بېرىپ 100 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن، ۋەقەدە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، لىۋان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن ھال سورىدى.

ب د ت باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى فەرھان ھەق يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «باش كاتىپ ئانتونىئو گۇتېررېس بېيرۇتتىكى دەھشەتلىك پارتلاشتا قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىغا، لىۋان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

گۇتېررېسنىڭ پارتلاشتا يارىلانغانلارغا تېز شىپالىق تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەق، ۋەقەدە بېيرۇتتا ئىشلەۋاتقان ب د ت خادىملىرىنىڭمۇ يارىلانغانلىقىنى بايان قىلدى.

فەرھان ھەق، «ب د ت مۇشۇنداق قىيىن ۋاقىتتا لىۋاننى قوللايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىدۇ ھەمدە لىۋاننىڭ بۇ ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇشىغا ئاكتىپ ياردەم بېرىدۇ» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلىز مىچېل ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا بايانات بېرىپ، ياۋروپانىڭ لىۋان خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە لىۋان خەلقىنى «كۈچلۈك تۇرۇش» قا چاقىردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ پۇقرالارنى قوغداش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسىگە مەسئۇل ئەزاسى جانىز لېنارچىچ، بېيرۇتتىكى پارتلاشتا قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپمۇ ئاقسارايدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنى لىۋاندا يۈز بەرگەن ۋەقە ئۈستىدە توختىلىش بىلەن باشلاپ، «بىز بۇ يەردە ياردەم قىلىشقا تەييار تۇرۇۋاتىمىز، قارىماققا بىر قورقۇنچلۇق بىر ھۇجۇمدەك قىلىدۇ» دېدى.

ترامپ بىر مۇخبىرنىڭ بۇ ۋەقەنى نېمىشقا «ھۇجۇم» دەپ ئاتىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالىغا، «مەن بىر قىسىم گېنىراللىرىمىز بىلەن پاراڭلاشتىم، ئۇلار بۇنى ھۇجۇم دەپ ئويلاۋاتقاندەك قىلىدۇ، بۇ بىر خىل ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى پارتلاش ئەمەس» دەپ جاۋاب بەردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيومۇ بېيرۇتتا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى ۋە ئامېرىكىنىڭ لىۋان خەلقىگە ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، لىۋان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى، تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا بايانات بېرىپ، « بېيرۇتتا نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە شەھەرگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن پارتلاشتىن كېيىن لىۋانلىقلارغا قېرىنداش ھەمكارلىقىنى نامايان قىلىمەن» دېدى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون تىۋىتتېر ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «بېيرۇتتىن كەلگەن سۈرەت ۋە سىن كۆرۈنۈشلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، مېنىڭ بارلىق ئوي- خىياللىرىم ۋە دۇئالىرىم پارتلاشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلار بىلەن بىرگە، بىز قولىمىزدىن كەلگەن بارلىق ياردەملەرنى بېرىشكە تەييارمىز» دېدى.

بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىلىپپىن گوففىن تىۋىتتېردىكى ئۇچۇرىدا، «بېيرۇتتىكى پارتلاش پەيدا قىلغان زىيان ناھايىتى ئېغىر. بىزنىڭ ئەلچىخانا بىنامىز تالاپەتكە ئۇچرىدى. ئىككى خىزمەتدىشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرى ئەينەك سۇنۇقلىرى سەۋەبىدىن يېنىك يارىلاندى، بىز بۇ رايوندىكى بېلگىيەلىكلەرگە ياردەم بېرىشكە تەييارمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئاۋسترىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندېر ۋان دېر بېللېن ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدا پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە ئۇچۇرى ھەمبەھىرلەپ، «بىزنىڭ ئوي - خىيالىمىز لىۋان خەلقى، يارىلانغانلار ۋە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىرگە» دېدى.

گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى لىۋان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە يار – يۆلەك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئاتىنا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دۆلەتكە ھەر قانداق ياردەمنى بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئەرسىن تاتار لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتا يۈز بەرگەن پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە تېلېگراممىسى تارقاتتى.

ئەرسىن تاتار ئۆزىنىڭ تىۋىتتېردىكى ھېساباتىدا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ، «لىۋاندىكى بېيرۇت پورتىدا يۈز بەرگەن كەڭ كۆلەملىك پارتلاش ۋەقەسى ۋە مىڭلارچە كىشىنىڭ يارىلىنىشىدىن بىز قاتتىق بىئارام بولدۇق. مەن ئۆزۈم ۋە ھۆكۈمىتىمگە ۋاكالىتەن لىۋان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا تېز شىپالىق تىلەيمەن» دېدى.

لىۋىيە دۆلەتلىك ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى خالىد ئەل مىشرى، لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

ئىراق باش مىنىستىرى مۇستافا ئەلكازىمى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراق ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ لىۋان ھۆكۈمىتى ۋە بېيرۇتنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان قانلىق ھۇجۇمدا لىۋانلىقلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسى، پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ تۇغقانلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى ۋە سەۋر تىلىدى.

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى؛ ئۇ، لىۋان پىرېزىدېنتىغا قارىتىپ سۆزلىگەن تەزىيە سۆزىدە، دۆلىتىنىڭ لىۋانغا ھەر خىل سەھىيە ياردىمى بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى، بۇ ۋەقەنىڭ بارلىق تەپسىلاتلىرىنىڭ دەرھال ئاشكارىلىنىپ، شەھەرنىڭ تىنچ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف تىۋىتتېر ئادرېسىدا ھەمبەھرىلىگەن «چىن قەلبىمدىن بېيرۇتلۇقلارغا سالام» دېگەن خەت يېزىلغان بىر پارچە فوتو – سۈرەتنىڭ ئاستىدىكى ئۇچۇرىدا، دۆلىتىنىڭ لىۋانغا ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەيمەن سەفەدىمۇ بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، دۆلىتىنىڭ لىۋانغا ھەر خىل ياردەملەرنى ئەۋەتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىسرائىلىيە بېيرۇتتىكى پارتلاشتىن كېيىن لىۋانغا ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

پەلەستىن پىرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباس، بېيرۇتتىكى پارتلاشتا قازا قىلغان لىۋانلىقلار ئۈچۈن دۆلەتتە ماتەم ئېلان قىلدى. بۇ قارار بىلەن دۆلەت مىقياسىدىكى بارلىق بايراقلار يېرىم چۈشۈرۈلدى. ئابباس يەنە لىۋان پىرېزىدېنتى مىشېل ئەۋن بىلەن تېلېفونلىشىپ، پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.


خەتكۈچ: #لىۋان , #بېيرۇت

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر