رۇمېنىيە تۈركىيەنى «خەتەرلىك دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋەتتى
رۇمېنىيە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە ھەر ھەپتە يېڭىلايدىغان «خەتەرلىك دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن تۈركىيەنى چىقىرىۋەتتى.
1462228
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇمېنىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى دۆلەتلىك كېسەللىكلەرنى كۆزىتىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «يۇقۇم ئەھۋالى يۇقىرى خەتەرلىك دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن تۈركىيە چىقىرىۋېتىلدى.
27 – ئىيۇلدىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىدىغان يېڭى تىزىملىككە ئاساسەن، تۈركىيەدىن بارغان كىشىلەر رۇمېنىيە چېگراسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇدا 14 كۈنلۈك كارانتىن ئاستىغا ئېلىنمايدۇ.