ب د ت ئالاھىدە ۋەكىلى لىۋىيە دۆلەت ئالىي كېڭىشىنىڭ بىلەن رەئىسى سۆھبەت ئېلىپ باردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستېفاننى ۋىللىيامىس، لىۋىيە دۆلەت ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى خالىد ئەلمىشرى بىلەن سىياسىي سۆھبەت مۇساپىسىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى مەسىلىسىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

1458780
ب د ت ئالاھىدە ۋەكىلى لىۋىيە دۆلەت ئالىي كېڭىشىنىڭ بىلەن رەئىسى سۆھبەت ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىۋىيەنى قوللاش ھەيئىتى (UNSMIL) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ۋىللىيامىس بىلەن ئەلمىشرىنىڭ ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشىدا، لىۋىيەدە كىرىزىسنى ھەل قىلىش باسقۇچىنىڭ، 2020 – يىلى يانۋاردا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بېرلىن كونفېرانسى قارارلىرىغا ئاساسەن قايتىدىن باشلىنىشى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئۇچرىشىشتا ۋىللىيامىس، لىۋىيەلىك ۋە چەت ئەللىك تەرەپلەر بىلەن يېقىنقى مەزگىلدە ئىشقا ئاشۇرغان ئۇچرىشىشلىرى ھەققىدە ئەلمىشرىغا مەلۇمات بەرگەن.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر