ئامېرىكا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىن رەسمىي چېكىندى

دونالد ترامپ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى كوۋىد -19 يۇقۇمىغا قارشى كۈرەشتە مەغلۇب بولۇش ۋە خىتايغا يېقىنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئامېرىكانىڭ تەشكىلاتتىن چېكىنگەنلىكىگە دائىر ئۇقتۇرۇشنى ئالاقىدار ئورگانلارغا يوللىدى.

1451068
ئامېرىكا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىن رەسمىي چېكىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىن رەسمىي چېكىنگەنلىكىنى ئاۋام پالاتاغا بىلدۈردى.

يېڭى جېرسىي ئىشتاتىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋە كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ باشلىقى بوب مېنېندېز تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، كوۋىد-19 يۇقۇمىنىڭ يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «يۇقۇمنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا، ئاۋام پالاتاسى پىرېزىدېنت دونالد ترامپتىن ئامېرىكانىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىن رەسمىي چېكىنگەنلىكىگە دائىر ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدى» دېدى.

مېنېندېز ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قەدىمىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى «كېسەل ۋە يالغۇز» قالدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىغا بايانات بەرگەن ۋە ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بىر ئاقساراي ئەمەلدارى رەسمىي چېكىنىشنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ۋە رەسمىي ئۇقتۇرۇشنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسقا يوللانغانلىقىنى ئېيتتى.

دونالد ترامپ 14 - ئاپرېلدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى كوۋىد -19 يۇقۇمىغا قارشى كۈرەشتە مەغلۇب بولۇش ۋە خىتايغا يېقىنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئامېرىكانىڭ بۇ تەشكىلاتقا قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردىمىنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر