ب د ت ھايۋانلاردىن ئىنسانلارغا تارقىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ كۆپىيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ب د ت مۇھىت ئاسراش پروگراممىسى(UNEP)  ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ،  ئەگەر ياۋايى ھايۋانلارنى ۋە مۇھىتنى قوغداش تەدبىرلىرى ئىشقا سېلىنىمىسا، ھايۋانلاردىن ئىنسانلارغا تارقىلىدىغان زۇنوتىك كېسەللىكلەرنىڭ داۋاملىق كۆپىيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1450505
ب د ت ھايۋانلاردىن ئىنسانلارغا تارقىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ كۆپىيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت ئاسراش پىروگراممىسى(UNEP)  ۋە خەلقئارا چارۋىچىلىق تەتقىقات ئىنسىتىتۇتى (ILRI) نىڭ بىرلىكتە تەييارلىغان يېڭى دوكلاتىدا، يېقىنقى يىللاردىن بېرى نىسبىتى ئاشقان ئېبولا، سارس، زىققا، ئەيدىز، غەربىي نىل قىزىتمىسى ۋە بۇ قېتىمقى ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد-19)  قاتارلىق ھايۋانلاردىن ئىنسانلارغا تارقىلىدىغان كېسەللىكلەرگە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت ئاسراش پىروگراممىسى(UNEP)  نىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى باشلىقى مارتېن كاپپېللې «كىشىلەر 1918 -  ۋە 1919 - يىللىرىدىكى تارقىلىشچان زۇكام (ئىسپانىيە زۇكىمى) غا قاراۋاتىدۇ ۋە بۇ خىل كېسەللىكلەر پەقەت بىر ئەسىردە بىر قېتىم يۈز بېرىدۇ، دەپ ئويلىشىۋاتىدۇ، ئەمما بۇ قاراش ئەمدى ئەمەلىيەت ئەمەس. ئەگەر بىز تەبىئىي ھايات بىلەن كىشىلىك ھايات ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ قالالمىساق، بۇ يۇقۇملار كۈنسېرى كۆپىيىدۇ» دېدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت ئاسراش پىروگراممىسى(UNEP)  نىڭ دىرېكتورى ئىنگېر ئاندېرسېن بولسا، يېقىنقى يۈز يىلدا تاجىسىمان ۋىرۇس تۈرىنىڭ كەم دېگەندە ئالتە چوڭ يۇقۇمنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېيتتى.

يېقىنقى 50 يىلدا گۆش ئىستېمالىنىڭ %260 ئاشقانلىقىنى ۋە ياۋايى ھايۋانلار دۇنياسى بىلەن تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ئۇل- ئەسلىھەلەرنى كېڭەيتىشكە ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئاندېرسېن: «ئىلىم – پەن شۇنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. بىز تەبىئىي ھاياتنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك سىستېمىغا زىيان يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلا بولساق، كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا ھايۋانلاردىن ئىنسانلارغا تارقىلىدىغان بۇ كېسەللىكلەرنىڭ كۆپىيىشىنى كۈتسەك بولىدۇ» دېدى.

ئاندېرسېن ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرنى دېھقانچىلىق رايونى ۋە يەرنىڭ سىجىللىقىنى ھەمدە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئاشۇرۇشقا ۋە ئىلمىي تەتقىقاتقا مەبلەغ سېلىپ، كەلگۈسىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر