زارىف ھەم ئامېرىكانى، ھەم ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئەيىبلىدى

زارىف ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قانۇنىي ئەمەس، بەلكى بىر سىياسىي ئورگانغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى  ئىلگىرى سۈردى.

1446715
زارىف ھەم ئامېرىكانى، ھەم ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زارىف ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىران تېمىلىق سىنلىق يىغىنىدىكى نۇتۇقىدا، ئامېرىكانى خەلقئارا قانۇنغا توختىماي خىلاپلىق قىلدى، دەپ ئەيىبلىدى ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەش ئۈچۈن يىغىن ئاچمىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

زارىف ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك سىياسەتلەرنىڭ ئورنىغا بىر تەرەپلىمە سىياسەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولسا، قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكىدىن ئارقىغا داجىغان بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئامېرىكا 2231  - نومۇرلۇق قارارنى ئۆزگەرتىش، ئەيىبلەشنى دەلىللەش ۋە يالغان ھۆججەتلەر بىلەن دوكلات تەييارلاش ئۈچۈن باش كاتىباتلىق ئىشخانىسىغا بېسىم ئىشلەتتى» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈردى.

زارىف ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىمۇ يادرو كېلىشىمىگە ئەمەل قىلمىغان دەپ ئەيىبلىدى.

زارىف ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى قانۇنىي ئەمەس، بەلكى بىر سىياسىي ئورگان بولۇپ قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ،  يەنە مۇنداق دېدى:

«ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بارلىق يېڭى چەكلىمىلىرى ئىرانغا بەرگەن ئاساسىلىق ۋەدىلەرگە زىتتۇر. بۇنداق ئەھۋالدا، بىز يادرو كېلىشىمىنىڭ تەرەپلىرىگە ئىلگىرى بىلدۈرگەنگە ئوخشاش ئىراننىڭ ئېنىق تاللاشلىرى بولىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىنىڭ جاۋابكارلىقىمۇ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا تىزلانغانلارنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ »

زارىف ئامېرىكىنى ئىرانغا سالغان زىياننى تولۇق تۆلەشكە چاقىردى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 13 يىلدىن بۇيان ئىرانغا قارشى يولغا قويغان قورال ئېمبارگوسى 2015 - يىلى ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمى دائىرىسىدە ئۆكتەبىردە ئاخىرلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر