دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: ئەڭ ناچار (كۈنلەر) تېخى كەلمىدى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باشلىقى دوكتور تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) توغرىسىدا توختىلىپ، «ئەڭ ناچار (كۈنلەر) تېخى كەلمىدى» دېدى.

1445925
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: ئەڭ ناچار (كۈنلەر) تېخى كەلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېبرېيۇس دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋەدىكى باش ئورگىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن سىن كۆرۈنۈشلۈك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى تىزگىنلەپ، كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قوغداپ قېلىش يولىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھالدا «بۇ تەدبىرلەر ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى ئاستىلىتىشتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. ئەمما ئۇ ئۇنى پۈتۈنلەي توختىتالمىدى. بەزى دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادلىرى ۋە جەمئىيەتلىرىنى قايتىدىن ئېچىشقا باشلىغاچقا، قايتىدىن يۇقۇمغا دۇچار بولماقتا. ۋىرۇسنىڭ ھېلىھەم تارقىلىدىغان نۇرغۇن جايلىرى بار. بىز ھەممىمىز تۇرمۇشىمىزنى توختاپ قالغان يېرىدىن داۋاملاشتۇرۇشنى خالايمىز. ئەمما قىيىن ھەقىقەت شۇكى، بۇ يۇقۇم تېخى ئاخىرلىشىشقا يېقىنلاشمىدى» دېدى.

«گەرچە نۇرغۇن دۆلەتلەر مەلۇم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەسلىدە يۇقۇمنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى تارقىلىش سۈرئىتى تېزلىشىۋاتىدۇ» دېگەن گېبرېيۇس، دۇنيانىڭ يۇقۇم سەۋەبىدىن نۇرغۇن نەرسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى، بىراق ئۈمىدىنى يوقىتىپ قويماسلىقى كېرەكلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر