ياپونىيەدە دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك دىنوزاۋر تۇخۇمى تاش قاتمىسى بايقالدى

ياپونىيەىك لتەتقىقاتچىلار ئۇزۇنلۇقى 4.5 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 2 سانتىمېتىرلىق دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك دىنوزاۋر تۇخۇمى تاش قاتمىسىنى بايقىدى.

1442331
ياپونىيەدە دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك دىنوزاۋر تۇخۇمى تاش قاتمىسى بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تسۇكۇبا ئۇنۋېرسىتېتى، ئادىمىيەت ۋە تەبىئەت مۇزېيىدىكى تەتقىقاتچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ گۇرۇپپا خىيوگو ئۆلكىسىنىڭ تامبا شەھىرىدە دىنوزاۋر تۇخۇمى تاش قاتمىسىنى بايقىدى.

تەتقىقاتچىلار ئەترىتى يۈز مىليون يىل ئىلگىرىكى دەسلەپكى قورۇق دەۋرىگە تەۋە يەر قاتلىمىدىكى تۇخۇم تاش قاتمىسىنىڭ ئۇ دەۋردە 10 گرام ئىكەنلىكىنى ھېسابلاپ چىقتى.

كىچىك دىنوزاۋر تىپىغا تەۋە ئىكەنلىكى خاتىرىلەنگەن ۋە تاشقا ئايلانغان توخۇم ھەققىدىكى ئانالىزدا 4.5 سانتىمېتىر ۋە 2 سانتىمېتىرغا ماس كېلىدىغان بۇ تۇخۇمغا «Himeoolithus murakamii» دەپ نام بېرىلدى.

گۇرۇپپا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرى بولغان تسۇكۇبا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى تاناكا كوخېي بايقالغان تاش تۇخۇمنىڭ شۇ رايوندا كىچىك دىنوزاۋرلارنىڭ قانداق يەرلەشكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

موڭغۇلىيە ۋە ئىسپانىيەدە تېپىلغان تاشقا ئايلانغان تۇخۇملارنىڭ كۆپىنچىسى 5 سانتىمېتىردىن 7 سانتىمېتىرغىچە بولۇپ، تەتقىقات گۇرۇپپىسى تامبادىكى بۇ بايقاشنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك دىنوزاۋر تۇخۇم تاش قاتمىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر