دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: يۇقۇملانغۇچىلار ۋە قازا قىلغۇچىلار سانى داۋاملىق ئاشماقتا
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دېرىكتورى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس، «كوۋىد – 19 يىراقلاشمايۋاتىدۇ، ئەكسىچە، يۇقۇم زورىيىۋاتىدۇ. يۇقۇملانغۇچىلار ۋە قازا قىلغانلار سانى ئېشىشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېدى.
1441885
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئاممىۋى خىزمەتلەر كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تېلېۋىزىيە يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلدى.
سۆزى ئەسناسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدا توختالغان گېبرېيۇس، «كوۋىد – 19 يىراقلاشمايۋاتىدۇ، ئەكسىچە، يۇقۇم زورىيىۋاتىدۇ. يۇقۇملانغۇچىلار ۋە قازا قىلغانلار سانى ئېشىشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېدى.