ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ساقچى زوراۋانلىقىنى ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئامېرىكانىڭ مىننېسوتا ئىشتاتىدا جورج فلويىدنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېگى ئافرىقالىقلارغا قارىتىلغان «سىستېمىلىق ئىرقچىلىق ۋە ئىرقىي ئايرىمچىلىق» قاتتىق ئەيىبلەنگەن قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

1439757
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ساقچى زوراۋانلىقىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 47 ئەزا دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئاخىرلاشقان 43 – نۆۋەتلىك يىغىنىدا ماقۇللانغان قارارى ئارقىلىق، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتقا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىرقچىلىققا قارشى تىنچ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىشلار» غا مۇداخىلە قىلىشىنى تەكشۈرۈش ھوقۇقى بېرىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، باچېلېت تەكشۈرۈشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، دوكلات تەييارلاپ، 2021 – يىلى ئىيۇنغىچە كېڭەشكە سۇنىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئافرىقالىقلار ۋە تېگى ئافرىقالىقلارغا قارىتىلغان «ساقچى ۋەھشىيلىكى» ھەققىدە قەرەللىك ھالدا كېڭەشكە مەلۇمات بېرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر