دۇنيا سەھىيە تەشىكلاتى ئايرىمچىلىققا قارشى دۇنياۋى ھەرىكەتنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش كاتىپى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس، ئىرقچىلىققا قارشى دۇنياۋى ھەرىكەتنى قوللايدىغانلىقلىرىنى، ئايرىمچىلىقنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى رەت قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

1431988
دۇنيا سەھىيە تەشىكلاتى ئايرىمچىلىققا قارشى دۇنياۋى ھەرىكەتنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش كاتىپ تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس، تەشكىلاتنىڭ شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى مەركىزىدە سىن كۆرۈنۈشلۈك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدە 25 – مايدا ئامېرىكالىق قارا تەنلىك جورج فلويدنىڭ ساقچىلارنىڭ مۇشتۇمزورلۇقى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن دۇنيا مىقياسىدا باش كۆتۈرگەن نارازىلىق نامايىشلىرى توغرىسىدا توختالغان گېبرېيۇس، «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، باراۋەرلىكنى ۋە ئىرقچىلىققا قارشى دۇنياۋى ھەرىكەتنى تولۇق قوللايدۇ. ھەر تۈرلۈك ئايرىمچىلىقنى رەت قىلىمىز» دېدى.

ئۇ، دۇنيا مىقياسىدىكى نامايىشلارنىڭ تىنچ ئۇسۇلدا ئۆتكۈزۈلۈشى توغرىسىدا چاقىرىق قىلىپ، «ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە، باشقىلاردىن كەم دېگەندە بىر مېتىر يىراق تۇرۇڭلار، قوللىرىڭلارنى تازىلاڭلار، بىر نامايىشقا قاتناشساڭلار ماسكا تاقاڭلار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر