خىتاي بىلەن ھىندىستان چېگرا مەسىلىسى بويىچە سىن يىغىنى ئۆتكۈزدى

ھىندىستان خىتاي بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا  مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەربىي ۋە دىپلوماتىك يوللار بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1431086
خىتاي بىلەن ھىندىستان چېگرا مەسىلىسى بويىچە سىن يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، تۈنۈگۈن چېگرادا ھىندىستان ۋە خىتاي قوماندانلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن سەمىمي ۋە ئىجابىي مۇھىتتا يىغىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا كېلىشىملەر دائىرىسىدە چېگرا رايونلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدا پىكىر بىردەكلىكىگە ئىگە بولغانلىقى، ھىندىستان ۋە خىتاينىڭ ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن ھەربىي ۋە دىپلوماتىك يوللار بىلەن تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

تۈنۈگۈن ھەر ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرى چېگرادىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جىددىيلىكنى سىن يىغىنى ئارقىلىق مۇزاكىرە قىلىشقان ئىدى.

ھىندىستانلىق مەسئۇللار ماي ئېيىنىڭ بېشىدا، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئۈچ نۇقتىدىن لاداخ رايونىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكىنى ھەمدە  ئۇ يەرگە چېدىر ۋە ھەربىي قاراۋۇلخانا قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ رايوندىن چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن كۆپ قېتىم بېرىلگەن ئاغزاكى ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پەرۋا قىلمىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.

ھىندىستان ۋە خىتاي لاداختىكى دېمچوك، چۇمار، دائۇلات بېگ ئولداي، گالۋان ۋادىسى ۋە پانگۇڭ تسو كۆلى ئەتراپىغا قوشۇمچە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.

خىتاي ئەسكەرلىرى گالۋان ۋادىسىدا تەخمىنەن 100 گە يېقىن چېدىر تىككەن ۋە پانگۇڭ تسو كۆلىدىكى چارلىغۇچى كېمىلىرىنىڭ سانىنى  كۆپەيتتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر