قاتار ئۆتكەن 8 يىلدا پەلەستىن خەلقىگە 1 مىليارد 200 مىليون دوللاردىن ئارتۇق ياردەم بەردى

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇراخمان ئەل سانى ئىسرائىلىيەنىڭ غەربىي قىرغاق زېمىنىنى «قوشۇۋېلىش»نى پىلانلىغان ھېچقانداق تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ۋە پەلەستىن خەلقىگە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1428665
قاتار ئۆتكەن 8 يىلدا پەلەستىن خەلقىگە 1 مىليارد 200 مىليون دوللاردىن ئارتۇق ياردەم بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇراخمان ئەل سانى سىن يىغىنى ئارقىلىق «پەلەستىنلىكلەرگە ياردەم بېرىش كومىتېتىنىڭ مىنىستىرلار يىغىنى» غا قاتناشتى.

ئەل سانى سۆزىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنىڭ تەخمىنەن %30 نى  «قوشۇۋېلىش» پىلانىنى ئېما قىلىپ،  «بىز ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنىنى قوشۇۋېلىشنى نىشان قىلغان ھېچقانداق ئۇرۇنۇشنى قوبۇل قىلمايمىز » دېدى.

مىنىستىر ئەل سانى: «قاتار ئۆتكەن 8 يىلدا پەلەستىن خەلقىگە 1 مىليارد 200 مىليون دوللاردىن ئارتۇق ياردەم بەردى ۋە بۇ ياردەملەر داۋاملىشىدۇ» دېدى

قاتارنىڭ يېقىندا پەلەستىنگە 150 مىليون دوللارلىق ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئەل سانى ، بۇ ياردەملەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ كوۋىد-19 يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن ئايرىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەل سانى يۇقۇم مەزگىلىدە پەلەستىن خەلقىگە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ  مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، ئىئانە قىلغان دۆلەتلەرنى پەلەستىن خەلقىگە داۋاملىق ياردەم بېرىشكە چاقىرىق قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر