ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلىزابېت كارانتىندىن چىقتى

ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) دىن ساقلىنىش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە ۋىندسور قەلئەسىدە ئۆزىنى كارانتىن قىلغان ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلىزابېت ئارىدىن 72 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىقتى.

1427336
ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلىزابېت كارانتىندىن چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاتلارغا بولغان ئىشتىياقى بىلەن تونۇلغان 94 ياشلىق ئايال پادىشاھ ئېلىزابېتنىڭ، 14 ياشلىق بالمورال فېرن ئىسىملىك ئاتقا مېنىۋاتقان چاغدىكى سۈرىتى تارقىتىلدى.

كارانتىندىكى كۈنلىرىنى يولدىشى ئېدىنبۇرگ  كېنەزى فىلىپ ماۋونتباتتېن بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ئايال پادىشاھ ئېلىزابېتنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى فوتو – سۈرىتى 19 – مارتتا بۇكىڭخام سارىيىدىن بېركشېردىكى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىلىۋاتقان ئەسنادا تارتىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر