ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئافرىقا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى مۇسا فاقى مۇھەممەت، نامراتلىق، زوۋانلىق ۋە باشقۇرۇش جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلەر يۈزىسىدىن ئافرىقانىڭ گۈللىنەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

1423705
ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئافرىقا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى  مۇسا فاقى مۇھەممەت «ئافرىقا كۈنى (بايرىمى)» مۇناسىۋىتى بىلەن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «قىتئەنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلىرىدە ئىلگىرىلەشلەر مەيدانغا كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ئەھۋال ئادەمنى ئەندىكتۈرگۈچى يېتەرسىزلىكلەرنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئېغىر ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ كېلەچەككە دائىر ئېنىقسىزلىقلارنى پەيدا قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، «زوۋانلىق ۋە نامراتلىق ئافرىقانىڭ گۈللىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا» دېدى.

ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى  مۇسا فاقى مۇھەممەت، تېررورىزمنىڭ، سايلامدىن كېيىنكى كىرىزىسلارنىڭ، قەبىلە ۋە دىنىي ئۇرۇشلارنىڭ ئافرىقانى مەڭگۈلۈك قورشىۋالغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئىمكان ۋە ئۈمىدلىرى ھېلىھەم مەۋجۇتلۇقىنى ئەسكەرتتى.

ھەر يىلى ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇش ۋاقتىغا توغرا كېلىدىغان 25 – ماي كۈنى، ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ چەت ئەل ھۆكۈمرانلىقى ۋە مۇستەملىكىسىدىن قۇرتۇلۇق ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش مەقسىتىدە 1963 – يىلىدىن بۇيان «ئافرىقا كۈنى» سۈپىتىدە تەبرىكلىنىپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ: #ئافرىقا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر