شەرق دۆلەتلىرىدىكى ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى مەلۇماتلار

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 346 مىڭ 800 دىن، يۇقۇملانغانلار 5 مىليون 513 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 2 مىليون 309 مىڭدىن ئاشتى.

1423181
شەرق دۆلەتلىرىدىكى ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى مەلۇماتلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 3 مىڭ 633 كە، يۇقۇملانغانلار 353 مىڭ 427 گە يەتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا يېڭىدىن 11 كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، بۇ سان 390 غا چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى 72 مىڭ 560 قا چىقتى.

كۈۋەيتتە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سەككىز كىشى كۆپىيىپ 156 گە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى بولسا، 838 كىشى كۆپىيىپ 21 مىڭ 302 گە چىقتى.

قاتاردا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئىككى كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، ئومۇمىي سان 23 كە چىقتى. 1 مىڭ 521 يېڭى يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن 43 مىڭ 714 كە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 13 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان بەھرەيندە، يېڭىدىن 19 كىشى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى. ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 9 مىڭ 93 كە چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 26 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان لىۋاندا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 1 مىڭ 114 كە چىقتى.

ماراكەشتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 198 گە، يۇقۇملانغۇچىلار 7 مىڭ 429 غا چىقتى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئىران 7 مىڭ 417، خىتاي 4 مىڭ 634، ھىندىستان 4 مىڭ 24، ھىندونېزىيە 1 مىڭ 372، پاكىستان 1 مىڭ 167، مىسىر 764، ئۇكرائىنا 623، باڭلادىش 480، جەنۇبىي ئافرىقا 429، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 245، بېلارۇسىيە 199، ئىراق 160، يەمەن 42، ئۇممان 37 ۋە سىنگاپور 23.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن يەتتە كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 920 كىشى يۇقۇملانغان زامبىيەدە، ئۇچۇر-ئالاقە مىنىستىرى دورا سىلىيا (Dora Siliya) نىڭ يۇقۇملانغانلىقى ۋە كارانتىن ئاستىغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر