ئافرىقادا 83 مىڭدىن 190 مىڭغىچە كىشى جېنىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 270 مىڭدىن، يۇقۇملانغانلار سانى 3 مىليون 917 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 334 مىڭدىن ئاشتى.

1413439
ئافرىقادا 83 مىڭدىن 190 مىڭغىچە كىشى جېنىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئافرىقا رايونلۇق ئىشخانىسىدىن بايانات ئېلان قىلىپ: «ئافرىقادا ۋىرۇسنى كونترول قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىسا، بىر يىلدا 29 مىليوندىن 44 مىليونغىچە كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشى، 83 مىڭدىن 190 مىڭغىچە كىشى جېنىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن» دېدى.

ئافرىقا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 51 مىڭ 698 گە چىقتى. جەنۇبىي ئافرىقا، مىسىر، ماراكەش، ئالجىرىيە، نىگېرىيە، گانا، كامېرون ۋە گىنە قاتارلىق دۆلەتلەر، يۇقۇملانغانلار سانىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەتلەر بولۇپ قالدى.

قازاقىستان سەھىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، يېقىنقى 24 سائەتتە يۇقۇملانغانلار سانىدا 21 كىشى ئېشىپ 4 مىڭ 530 غا، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانىدا 68 كىشى ئېشىپ 1 مىڭ 518 گە چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

بۈگۈنگىچە 10 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغان ئۆزبېكستاندا، يېقىنقى 24 سائەتتە ئۈچ كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى. ئۆزبېكستان سەھىيە مىنىستىرلىقى يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 2 مىڭ 269 غا چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تاجىكستاندا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار تۆت كىشى ئېشىپ 12 گە چىقتى. يۇقۇملانغانلار 82 كىشى ئېشىپ 461 گە چىقتى. دۆلەت مىقياسىدا 4 مىڭ 205 كىشى كارانتىن ئاستىغا ئېلىندى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 106 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ۋە 3 مىڭ 563 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئافغانىستاندا، سەھىيە مىنىستىرى فەروزۇددىن فەروزنىڭ يۇقۇملانغانلىقى، بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئۆزىنى كارانتىن قىلىۋاتقان مىنىستىرنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن توققۇز كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 618 كىشى يۇقۇملانغان گىرۇزىيەدە، باش مىنىستىر گىيورگى گىكارىيا (Giorgi Gakharia) 2020-يىلى 11-مايدىن باشلاپ ئاياغ ۋە كىيىم-كېچەك دۇكىنىدىن باشقا بارلىق ماگېزىنلارنىڭ ئېچىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 28 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئەزەربەيجاندا، يۇقۇملانغانلار سانىدا 77 كىشى ئېشىپ 2 مىڭ 204 كە چىقتى.

ئىراندا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 55 كىشى ئېشىپ 6 مىڭ 541 گە چىقتى.

بېلارۇسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار تۆت كىشى ئېشىپ 116 گە، يۇقۇملانغانلار 913 كىشى ئېشىپ 20 مىڭ 168 گە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 145 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان مولداۋىيەدە، يېقىنقى 24 سائەتتە 129 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى ۋە بۇ سان 4 مىڭ 605 كە چىقتى.

374 كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغان پەلەستىندە، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، رەفاھ چېگرا ئېغىزىنىڭ كېلەر ھەپتە مىسىردىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ قايتىشى ئۈچۈن ۋاقىتلىق ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

لىۋىيەدە ئۈچ كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى، 64 كىشى يۇقۇملاندى.

لىۋىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتى كونترول قىلىۋاتقان رايونلىرىدا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە، قىسمەن سىرتقا چىقىشنى چەكلەش بەلگىلىمىلىرىنى بۈگۈن (8-ماي) دىن باشلاپ 10 كۈن ئۇزارتىشنى قارار قىلدى. سىرتقا چىقىشنى چەكلەش تەدبىرى شۇ يەر ۋاقتى 18:00 دىن 06:00 گىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 469 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، يۇقۇملانغانلار سانى 7 مىڭ 588 گە چىققان مىسىردا، 2020-يىلى 24-مارت ئېلان قىلىنغان ۋە شۇ يەر ۋاقتى 21:00 دىن 06:00 گىچە بولغان ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىرتقا چىقىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسى يەنە 15 كۈن ئۇزارتىلدى.

بەزى ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم ۋە يۇقۇملىنىش ئەھۋاللىرى تۆۋەندىكىچە:

سەئۇدى ئەرەبىستاندا 219 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 33 مىڭ 731 كىشى يۇقۇملاندى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە 165 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 16 مىڭ 240 كىشى يۇقۇملاندى. كۈۋەيتتە 44 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 6 مىڭ 567 كىشى يۇقۇملاندى. قاتاردا 12 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 18 مىڭ 890 كىشى يۇقۇملاندى. بەھرەيندە سەككىز كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 4 مىڭ 111 كىشى يۇقۇملاندى. ئۇمماندا 13 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 2 مىڭ 958 كىشى يۇقۇملاندى. ماراكەشتە 183 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 5 مىڭ 505 كىشى يۇقۇملاندى. لىۋاندا 25 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 784 كىشى يۇقۇملاندى. ئالجىرىيەدە 483 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 5 مىڭ 182 كىشى يۇقۇملاندى.

جەنۇبىي كورېيەدە ئارىدىن بەش كۈن ئۆتكەندە تۇنجى قېتىم ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار بىر كۈندە 10 نىڭ ئۈستىگە چىقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر