ئامېرىكادا يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليوندىن ئاشتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 211 مىڭ 631 دىن، يۇقۇملانغانلار 3 مىليون 65 مىڭ 176 دىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى بولسا 922 مىڭ 862 دىن ئاشتى.

1406841
ئامېرىكادا يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليوندىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 56 مىڭ 245 تىن، يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليوندىن ئاشتى.

نىيۇ يورك ئىشتاتىدا 2020-يىلى 23-ئىيۇندا پىرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ بەلگىلىنىشى ئۈچۈن ئ»ۆتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنغان دېموكرات پارتىيەنىڭ سايلاملىرى، ۋابا تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 333 كىشى ئېشىپ 26 مىڭ 977 گە يەتتى. بۇ دۆلەتتە يۇقۇملانغانلار سانى 199 مىڭ 414 كە يەتتى.

ئىسپانىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 301 كىشى ئېشىپ 23 مىڭ 822 گە يەتتى.

فىرانسىيەدە 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 437 كىشى ئېشىپ 23 مىڭ 293 كە، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 4 مىڭ 711 كىشى ئېشىپ 196 مىڭ 69 غا يەتتى.

ئەنگلىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 360 كىشى ئېشىپ 21 مىڭ 92 گە، يۇقۇملانغانلار 4 مىڭ 310 كىشى ئېشىپ 157 مىڭ 149 غا يەتتى. بىراق، ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان كۈندىلىك مەلۇماتلار دوختۇرخانىدىكى ئۆلۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، ھەقىقىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى ياكى يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ بۇنىڭدىن تېخىمۇ يۇقىرى بولۇش مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.

كانادادا ھەپتە ئاخىرى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 452 كىشى ئېشىپ 2 مىڭ 781 گە، يۇقۇملانغانلار 4 مىڭ 678 كىشى ئېشىپ 48 مىڭ 229 غا يەتتى.

لاتىن ئامېرىكاغا جايلاشقان مېكسىكادا يېقىنقى 24 سائەتتە 46 كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى. مېكسىكا سەھىيە مىنىستىرلىقى يۇقۇملانغانلار سانىدا 835 كىشى ئېشىپ 14 مىڭ 677 گە يەتتى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر