باش ۋەزىر جونسون ئەتە خىزمىتىنى باشلايدۇ

ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كوۋىد -19) بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن داۋالىنىپ ئەسلىگە كەلگەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون ئەتە خىزمەت باشلايدىغان بولدى.

1405441
باش ۋەزىر جونسون ئەتە خىزمىتىنى باشلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 27 – مارتتىكى ۋىرۇس تەكشۈرىشىدە  بورىس جونسوننىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان ئىدى.

بورىس جونسون باش ۋەزىرلىك تۇرالغۇسىدا ئۆزىنى كارانتىناغا ئالغۇزغان بولۇپ،  ئەھۋالى ناچارلاشقاندىن كېيىن جىددىي قۇتقۇزۇشقا  ياتقۇزۇلغان ئىدى.

جونسون 3 كېچىنى ئېغىر كېسەللىكلەرنى داۋالاش بۆلىمىدە ئۆتكۈزگەندىن كېيىن  ساقىيىپ بالنېستتىن چىققان ئىدى.

باش ۋەزىر جونسوننىڭ قاچان خىزمەت ئورنىغا قايتىدىغانلىقى قىزىقارلىق تېما بولۇپ قالغان ئىدى.

دوختۇرلار خىزمەتكە قايتىشنىڭ مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن، جونسون ئەتىلا خىزمەتكە چۈشىدىغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر