يۇقۇمنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە بەزى شەرق ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر سان - سىفىرلار

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 170 مىڭدىن، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2 مىليون 400 مىڭدىن ئاشتى؛ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 650 مىڭغا يېقىنلاشتى.

1402163
يۇقۇمنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە بەزى شەرق ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر سان - سىفىرلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىلورۇسىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەۋەلىكىدە يۇقۇم يۈزىسىدىن قازا قىلغانلار سانىنىڭ 51 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 6264 كە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مولداۋىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى، قازا قىلغانلار سانىنىڭ 68 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 2548 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

قازاقىستان سەھىيە مىنىستىرلىقى، قازا قىلغانلار سانىنىڭ 19 غا، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 1775 كە، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانىنىڭ ئىككىسى 82 ياشلىق ئىككى كىشى بولۇپ جەمئىي 447 گە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئەزەربەيجان سەھىيە مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى كوۋىد – 19 مەركىزى، قازا قىلغانلار سانىنىڭ 19 غا، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 1436 گە، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانىنىڭ 791 گە يەتكەنلىكىنى، 626 كىشىنى داۋالاش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۆزبېكسىتان سەھىيە مىنىستىرلىقى، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانىنىڭ 5 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 1604 كە، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانىنىڭ 261 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تاجىكىستان سەھىيە ۋە ئىجتىمائىي ئاسراش مىنىستىرلىقى، ھازىرغىچە دۆلەت تەۋەلىكىدە كوۋىد – 19 يۇقۇمىنىڭ بايقالمىغانلىقىنى، چەت ئەلدىن قايتقان 1525 ئادەمنىڭ ھەر ئېھتىماللىققا قارشى كارانتىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن گانا، رۇئاندا ۋە بېنىندا كوۋىد – 19 غا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە كوچىلاردا ماسكا تاقاپ يۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر