رۇسىيە ئامېرىكانىڭ خىتاينى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاھاروۋا ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) نىڭ مەبلىغىنى توڭلىتىش قارارىنى تەنقىد قىلدى.

1398692
رۇسىيە ئامېرىكانىڭ خىتاينى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زاھاروۋا روسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى «TASS» غا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكىدىكى سىياسىئونلارنىڭ ھەمىشە ئەيىبلەشكە بىرسىنى تاپىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۇردى.

زاھاروۋا ئامېرىكانىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كوۋىد-19) ئاپىتى سەۋەبىدىن خىتاينى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ھىلارى كلىنتوننىڭ مەغلۇبىيىتى سەۋەبىدىن روسىيەنى ۋە  ئامېرىكا سەھىيە سىستېمىسىدىكى مەسىلىلەر ئۇچۇن بىۋاستە رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى ئەيىبلىمەكتە. ئامېرىكا ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن خىيالىي پاكىتلار ئارقىلىق گۇناھكار تېپىشتۇر» دېدى.

روسىيە مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگېي رىيابكوۋمۇ ۋاشىنگىتون دائىرىلىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى قارارىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ ئامېرىكا مەسئۇللىرىنىڭ ۋابا سەۋەبىدىن دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا تۇتقان ئىنتايىن شەخسىيەتچى پوزىتسىيەسىدۇر. خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ نۇقتىلىق كۈن تەرتىپىدە ئورۇن ئالغان بىر پەيتتە بۇ تەشكىلاتقا قارىتىلغان مەزكۇر ھۇجۇم ئەيىبلەشكە ۋە تەنقىدلەشكە تېگىشلىك بىر قەدەم» دېدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتايغا ئىشلەۋاتقانلىقىنى ۋە  ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىغا سەل قاراش پوزىتسىيەسىدە بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئامېرىكانىڭ  بۇ تەشكىلاتقا ئايرىغان مەبلىغىنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر