گېرمانىيەنىڭ ھېسيېن ئۆلكىسى مالىيە مىنىستىرى توماس شېفېر ئۆلۈك ھالدا بايقالدى

گېرمانىيە ۋېسبادېن تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ۋېستھېسېن ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئورتاق يازما باياناتىدا، ھوچھېم شەھىرىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز رېلىسلىرى جايلاشقان رايوندا بىر ئەرنىڭ جەسىتى بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1386973
گېرمانىيەنىڭ ھېسيېن ئۆلكىسى مالىيە مىنىستىرى توماس شېفېر ئۆلۈك ھالدا بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەسەتتىكى جاراھەت ئىزلىرى سەۋەبىدىن ئۆلگۈچىنىڭ كىملىكىنى دەرھال ئېنىقلىغىلى بولمىغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا يەنە، ۋېستھېسېن ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن جەسەتنىڭ مالىيە مىنىستىرى توماس شېفېرغا تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىقلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، گۇۋاھچىلارنى تىڭشاش،  تەكشۈرۈش ۋە باھالاش نەتىجىسىدە، شافىرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان بولۇشى مۇمكىنلىكى تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھېسېن ئۆلكىسى باش مىنىستىرى ۋولكېر بوففىيېر تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، شېفېرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە تەزىيە بىلدۈرۈلدى ۋە ئويلىمىغان يەردىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىغا تېخىچە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شېفېر توي قىلغان ۋە ئىككى پەرزەنتلىك بولغان بولۇپ، 2010 - يىلدىن بۇيان ئۆلكىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە ئىدى.

گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شېفېر ئۆلكە باش مىنىستىرى بوففېرنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان كاندىداتلارنىڭ بىرى دەپ بىلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر