شىمالىي كورىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ باردى

شىمالىي كورىيە شەرقىي دېڭىز (ياپون دېڭىزى) دا قىسقا مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ باردى.

1382377
شىمالىي كورىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورېيە باش ئىشتابى شىمالىي كورىيەنىڭ شىمالىي پيوڭگان ئۆلكىسىنىڭ سىنچون رايونىغا يېقىن جايدا 2 قىسقا مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلغان. باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار 50 كىلومېتىر يۇقىرى ئۆرلىگەن ۋە 410 كىلومېتىرلىق مۇساپىغا يېتىپ بارغان.

سىناقنىڭ پۈتكۈل دۇنيادا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن بايانتتا، شىمالىي كورىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى «نامۇۋاپىق ھەرىكەت» دەپ ئاتالدى، ھەمدە شىمالىي كورىيە بۇنداق ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرىق قىلىندى.

شىمالىي كورىيە  9-مارت  كۈنى جەنۇبىي ھامگيوڭ ئۆلكىسىنىڭ سوندوك رايونىغا يېقىن جايدا 3 دانە قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر