ئېيدې نورۋېگىيەنىڭ نېتانياھۇنى قولغا ئالىدىغان ياكى ئالمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەردى

نورۋېگىيە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يواۋ گاللانت ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان تەقدىردە، خېلسىنكىنىڭ ئۇنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2142751
ئېيدې نورۋېگىيەنىڭ نېتانياھۇنى قولغا ئالىدىغان ياكى ئالمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېسپېن بارت ئېيدې نورۋېگىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ نېتانياھۇ ۋە گاللانت ئۈستىدىن «تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقىرىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسقا ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئەگەر خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغاندىن كېيىن نېتانياھۇ بىلەن گاللانت نورۋېگىيە تەۋەلىكىگە قەدەم باسقان تەقدىردە، خېلسېنكىنىڭ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئېيدې، ئوخشاش قەدەمنىڭ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىشى تەلەپ قىلىنىۋاتقان پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماس رەھبىرى ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئېيدې بۇ سىياسەتنىڭ باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىگىمۇ ماس كېلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

شۇنداق قىلىپ، نورۋېگىيە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تەقدىردە، نىتانياھونى قولغا ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان تۇنجى ياۋروپا دۆلىتى بولۇپ قالدى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى باش تەپتىشى كەرىم خان، 5-ئاينىڭ 20-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گاللانت ئۈستىدىن «تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقىرىش ئىلتىماسى سۇنغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، باش تەپتىش كەرىم خاننىڭ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يواۋ گاللانتتىن باشقا، ھاماس سىياسىي بىيۇروسى باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييە، ھاماسنىڭ غەززەدىكى رەھبىرى يەھيا سىنۋار ۋە ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى— ئىززەددىن قەسسام بىرىگاداسى باشلىقى مۇھەممەد ئەددەيف قاتارلىقلار ئۈستىدىن «تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقىرىش ئىلتىماسى سۇنغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر