ئىدلىبتە تۇنجى نۆۋەتلىك تۈركىيە - رۇسىيە قۇرۇغلۇقتىن ئورتاق چارلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى

سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى « M4»  قاتناش يولىدا، تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ قۇرۇغلۇق ۋە ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرىنىڭمۇ قاتنىشىشى بىلەن تۇنجى نۆۋەتلىك قۇرۇغلۇقتىن ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىلدى.

1378444
ئىدلىبتە تۇنجى نۆۋەتلىك تۈركىيە - رۇسىيە قۇرۇغلۇقتىن ئورتاق چارلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «موسكۋا كېلىشىمى دائىرىسىدە، ئىدلىبتىكى « M4»  قاتناش يولىدا، تۇنجى نۆۋەتلىك تۈركىيە - رۇسىيە قۇرۇغلۇقتىن ئورتاق چارلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى» دېيىلدى.

تەخمىنەن 80 كېلومىتىرلىق لېنىيەدە ئېلىپ بېرىلغان چارلاش ئارقىلىق ئۇرۇش توختىتىشنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ھالغا كەلتۈرۈش پىلانلانماقتا.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ 5 - مارت موسكۋادىكى ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، ئىدلىبتە ئۇرۇش توختىتىشقا كېلىشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر