خىتايدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى  كۆپەيدى

خىتايدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 3044 كە يەتتى.

1373090
خىتايدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى  كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي سەھىيە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەتتە يېقىنقى 24 سائەت  ئىچىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 30 غا، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 143 كە يەتكەن.

خىتاي ئالىملىرى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغان 101 كىشىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا ۋىرۇسنىڭ ئىككى تۈرلۈك ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» خۇبېي ئۆلكىسىگە قاراشلىق ۋۇخەن شەھىرىدە 12 – دېكابىر كۈنى  ئوتتۇرىغا چىقىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشقا شەھەرلەر ۋە دۆلەتلەرگە تارقالغاندىن كېيىن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر