خىتايدىكى (ۋۇخەن ۋىرۇسى) كوۋىد-19 ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 2872 كىشىگە يەتتى

خىتاي سەھىيە كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، بۈگۈنگە قەدەر خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى 2 كىشىنى قوشقاندا، جەمئىي 2872 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 79 مىڭ 824 كە چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1369253
خىتايدىكى (ۋۇخەن ۋىرۇسى) كوۋىد-19 ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 2872 كىشىگە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: (ۋۇخەن ۋىرۇسى) كوۋىد-19 بىلەن يۇقۇملىنىش گۇماندارلىرىنىڭ سانى 851 گە كۆزىتىش ئاستىدىكىلەرنىڭ سانى 51 مىڭ 856 كىشىگە ۋە ساقايغانلارنىڭ سانى 41 مىڭ 625 كىشىگە يەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

خىتايدا مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە 35 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 523 كىشىدە يېڭىدىن ۋىرۇس بايقالغانلىقى، (ۋۇخەن ۋىرۇسى) كوۋىد-19 ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن رايوننىڭ بولسا، خۇبېي ۋە خىنەن ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

(ۋۇخەن ۋىرۇسى) كوۋىد-19 بىلەن يۇقۇملانغانلانىڭ سانى خىتاي چوڭ قۇرۇغلۇقى سىرتىدا، يەنى خوڭكوڭدا 95 كە ئۆرلىدى. ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرى رايونىدا بولسا، 10 غا چىققانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىگە قاراشلىق ۋۇخەن شەھىرىدە 12يانۋاردا ئوتتۇرىغا چىققان (ۋۇخەن ۋىرۇسى) كوۋىد-19 ئاپىتى سەۋەبىدىن تۈركىيە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئاپەت شەھىرىدە قاپسىلىپ قالغان پۇقرالىرىنى يۆتكەپ كەتكەن ئىدى.

يېڭى تىپلىق (ۋۇخەن ۋىرۇسى) كوۋىد-19 قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە باشقا شەھەر ۋە دۆلەتلەرگە تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خەلقئارالىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر