پومپىيو: ئىدلىب مەسىلىسى توغرىسىدا تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونى توغرىسىدا توختىلىپ، «تۈركىيە بىلەن نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىمىز توغرىسىدا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز» دېدى.

1366558
پومپىيو: ئىدلىب مەسىلىسى توغرىسىدا تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مايك پومپېيو پايتەخت ۋاشىنگتوندا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى؛ ئۇ، ئىدلىبتىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا توختىلىپ، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ يەردە ھەربىي جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ھاكىمىيەتنىڭ قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى ناتو ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيە بىلەن توقۇنۇش خەۋپىنى كۈچەيتمەكتە. جاۋاب، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254 – نومۇرلۇق قارارىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئۈزۈل – كېسىل ئۇرۇش توختىتىش ۋە ب د ت رەھبەرلىكىدىكى سۆھبەتلەردۇر. پىرېزىدېنت (دونالد) ترامپنىڭمۇ سەيشەنبە كۈنى ئەسكەرتىپ ئۆتكىنىدەك، تۈركىيە بىلەن نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىمىزنى بىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر