ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى پايتەخت يېڭى دېھلىدا بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

1366293
ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى كۈنلۈك رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن پايتەخت يېڭى دېھلىغا يېتىپ بارغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ زىيارىتىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۈگۈن ھىندىستاننىڭ 3 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قىممەتكە ئىگە، دۇنيادا ئەڭ ئىلغارلىرىدىن بولغان ئاپاچ (Apache) ۋە MH-60  رومېيو (Romeo) تىك ئۇچارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا ھەربىي ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىش كېلىشىملىرى ئارقىلىق مۇداپىئە ھەمكارلىقىمىزنى تەرەققىي قىلدۇردۇق. بۇلار ئورتاق مۇداپىئە ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىدۇ» دېدى.

پىرېزىدېنت ترامپ ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدىمۇ پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى پىرېزىدېنت ترامپ ۋە ھەيئىتى بىلەن، ئىككى دۆلەت شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ، مۇداپىئە، خەۋپسىزلىك، ئېنېرگىيە، سودا ۋە خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى رىشتىلەر قاتارلىق مۇھىم تەرەپلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئىچكى خەۋپسىزلىك كېلىشىمىنىڭ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ تەلىم-تەربىيە مانېۋىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكىنى خاتىرىلەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزنى كۈچەيتىش ۋە خەلقئارالىق تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر