ب د ت: تۈركىيە تېخىمۇ كۆپ كۆچمەننىڭ كېلىشىنى خالىمايدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە كىرىزىسى ئۈچۈن رايونلۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئىشلىرى مۇئاۋىن مەسئۇلى مارك كاتس تۈركىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ كۆچمەننىڭ كېلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1366102
ب د ت: تۈركىيە تېخىمۇ كۆپ كۆچمەننىڭ كېلىشىنى خالىمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كاتس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىدلىبقا چېگرا ھالقىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە كۈنىگە 50 يۈك ئاپتوموبىللىق ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتىۋاتقانلىقلىرىنى،  ب د ت نىڭ نىشانىنىڭ بۇنى كۈنىگە 100 يۈك ئاپتوموبىلىغا يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە بىر مىليوندىن ئارتۇق پۇقرا تۈركىيە چېگراسىغا كۆچۈشكە زورلاندى، ئىدلىب نۆۋەتتە ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ كەتتى. نەتىجىدە ئىدلىبتا 3 مىليوندىن ئارتۇق پۇقرا ئۇرۇش ساھەسىدە قاپسىسلىپ قالدى. بۇنداق كېتىۋەرسە، رايوننىڭ قان كۆلىگە ئايلىنىپ كېتىش ۋە پۇقراۋى قەتلىئام يۈز بېرىش خەۋپى باردۇر. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، تۈركىيە دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ كۆچمەنگە ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان بىر دۆلەت بولۇپ، بۇ كۆچمەنلەردىن 3.6 مىليونىنى سۈرىيەلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. تۈركىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ چېگرا ھالقىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنى قىزغىن قوللىماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر