رۇسىيە - تۈركىيە ھەيئەتلىرىنىڭ موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىدلىب سۆھبەتلىرى» ئاخىرلاشتى

رۇسىيە، موسكۋادا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن تۈرك – رۇس ھەيئەتلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى ئىنسانىي ۋەزىيەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن مەۋجۇت كېلىشىملەردە چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1362061
رۇسىيە - تۈركىيە ھەيئەتلىرىنىڭ موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىدلىب سۆھبەتلىرى» ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تۈركىيە – رۇسىيە ھەيئەتلىرىنىڭ پايتەخت موسكۋادا ئۆتكۈزگەن ئىدلىب توغرىسىدىكى سۆھبەتلىرىدىن كېيىن يازما بايانات ئېلان قىلدى؛ باياناتتا، ئىككى دۆلەت ھەيئەتلىرىنىڭ 17-، 18 – فېۋرالدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىدلىب ۋەزىيىتىنى ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ھەرئىككى تەرەپ، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدا جىددىيچىلىكنى پەسكۇيغا چۈشۈرۈش ۋە ئىنسانىي ۋەزىيەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن كېرەكلىك تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى مەزمۇن قىلغان نۆۋەتتىكى كېلىشىملەردە چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا يەنە، «سۆھبەتلەردە، ئىدلىب ۋە سۈرىيەنىڭ باشقا رايونلىرىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىشىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىشتا چىڭ تۇرۇش ئارقىلىقلا مۇمكىن بولىدىغانلىقى تەكىتلەندى» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر