تۈرك دىپلوماتنى شېھىت قىلغان ئىككى كىشى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

ئىراق مەھكىمىسى، تۈرك دىپلومات ئوسمان كۆسەنى شېھىت قىلغان 2 كىشىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

1357067
تۈرك دىپلوماتنى شېھىت قىلغان ئىككى كىشى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىدىكى ئىككىنچى جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى، شېھىت ئوسمان كۆسە ۋە ئىراق پۇقراسى 2 كىشىنىڭ (2019 –يىلى) 17 – ئىيۇلدا ئەربىلدىكى بىر رېستوراندا قوراللىق ھۇجۇمدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك دېلوغا قاراپ چىقتى.

ئادۋوكات بىرزو سەئىد، «ئەربىل ئىككىنچى جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى، تۈرك دىپلومات شېھىت قىلىنغان ۋەقە دائىرىسدە 6 كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلدى؛ بۇلارنىڭ ئىككىسى ئۆلۈم جازاسىغا، بىرى بىر يىللىق، ئىككىسى ئىككى يىللىقتىن قاماققا ھۆكۈم قىلىندى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر