ئامېرىكادا تۇنجى قېتىم بىر تۈرك مۇسۇلمان ساقچى ئىدارىسى باشلىقى بولدى

ئىبراھىم مايك بايكورا 228 يىللىق تارىخىي بىنادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، قۇرئان تۇتۇپ قەسەم بەردى.

1353487
ئامېرىكادا تۇنجى قېتىم بىر تۈرك مۇسۇلمان ساقچى ئىدارىسى باشلىقى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا تۇنجى قېتىم ئەسلى تۈركىيەلىك بىر كىشى ساقچى ئىدارىسى باشلىقى بولۇپ ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.

پاتېرسون ساقچى ئىدارىسىدا 32 يىلدىن بۇيان خىزمەت قىلىۋاتقان ئىبراھىم مايك بايكورا پاتېرسون شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئالاھىدە مۇراسىمدا قەسەم بېرىپ، ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى. 

مۇراسىمغا، تۈركىيە ئەلچىخاناسىنىڭ خادىملىرىدىن باشقا يەنە، نىيۇ يورك ۋە نىيۇ جېرسېيدا تۇرۇشلۇق تۈرك جەمئىيەتلىرى ئەزالىرى، پاتېرسون شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرى شۇنداقلا ئىبراھىم مايك بايكورانىڭ ئائىلىسى ۋە يېقىنلىرى قاتناشتى.

قەسەم بېرىش رەسمىيىتىدىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت مارشى چېلىنىپ دۇئا بىلەن مۇراسىم باشلاندى.

مۇراسىمدا نۇتۇق سۆزلىگەن پاتېرسون شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى ئاندرې سايېگ: «ئىبراھىم مايك بايكورا پاتېرسون شەھىرىنىڭ تۇنجى تۈرك، تۇنجى مۇسۇلمان ۋە تۇنجى خىمىيە ئىنژېنېرلىقىنى پۈتتۈرگەن ساقچى باشلىقى بولدى» دېدى.

ئاندرې سايېگ ئىبراھىم مايك بايكورانىڭ ئۇزۇن يىل ساقچى ئىدارىسىدا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن بۇ ۋەزىپىگە لايىق كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئىبراھىم مايك بايكورا ئامېرىكانىڭ ئارزۇسىدۇر. بۈگۈن يېتىپ كەلگەن ئورۇنغا ئۇ ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن يېتىپ كەلدى. بۇ پاتېرسوننىڭ غەلىبىسىدۇر، ئامېرىكانى ئۆز ئۆيىدەك كۆرگەن كۆچمەنلەرنىڭ غەلىبىسىدۇر» دېدى.

ئىبراھىم مايك بايكورا 228 يىللىق تارىخىي بىنادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، قۇرئان تۇتۇپ قەسەم بەردى.

ئىبراھىم مايك بايكورامۇ پاتېرسون شەھىرىنىڭ يېرىم ئەسىرلىك ئائىلىسى ئىكەنلىكىنى، بۇ شەھەرگە خىزمەت قىلىشتىن خۇشاللىق ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇراسىم ئاخىرىدا، تۈركچە دۇئا - تىلاۋەت قىلىنغاندىن كېيىن، ئىبراھىم مايك بايكورا تەبرىكلەرنى قوبۇل قىلدى ھەمدە تۈرك بولغانلىقىدىن ۋە تۇغۇلغان يۇرتىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر