سۈرىيە ۋە رۇسىيە كۈچلىرى ئىدلىب ئاھالىلەر رايونىنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان ئەرىھا ناھىيەسىدىكى بىر دوختورخانا بىلەن بىر ناۋايخانىغا ھۇجۇم قىلىپ 10 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

1350217
سۈرىيە ۋە رۇسىيە كۈچلىرى ئىدلىب ئاھالىلەر رايونىنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆكتىچىلەرنىڭ ئايروپىلان كۆزىتىش مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى يېرىم كېچىدە ئىدلىبنىڭ ئەرىھا ناھىيەسىدىكى نۇرغۇن جايلارنى بومباردىمان قىلغان.

پۇقراۋى قوغدىنىش (ئاق خالاتلىقلار) ئەترىتى، بومباردىمانلاردا 37 پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقىنى، يارىدارلارنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى دوختورخانىلارغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى، ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ۋە خارابىلىكنى يۆتكەش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يەنە بىر تەرەپتىن سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە رۇسىيەنىڭ ئىدلىبتىكى ئاھالىلەر رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 8 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى، 20 دىن ئارتۇق پۇقرا يارىلاندى.

ئۆكتىچىلەرنىڭ ئايروپىلان كۆزىتىش مەركىزى، رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ كەفەرلاتا، خان ئەسسۇبۇل، مەردىھ، ماردىبسە يېزىلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىمۇ سەراقىب ۋە جىسرىششۇغۇر ناھىيەسى، كەفرەنبىل بازىرى، خان ئەسسۇبۇل يېزىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى.

پۇقراۋى قوغدىنىش (ئاق خالاتلىقلار) ئەترىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا سەراقىبتا 1 ۋە رۇسىيەنىڭ كەفەرلاتا يېزىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 بولۇپ جەمئىي 8 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان.

پۇقراۋى قوغدىنىش ئەترىتى خادىملىرىنىڭ يارىدارلارنى يېقىن ئەتراپتىكى دوختورخانىلارغا يۆتكىگەنلىكى؛ ئۆلگەنلەر سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر