ترامپ: خىتايغا ياردەم بېرىشكە تەييارمىز
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقىلىۋاتقان يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (2019-nCoV) قا تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىدە بېيجىڭغا ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.
1348898
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ ۋىرۇسنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ناھايىتى ئاز كۆرۈلگەنلىكىنى ۋە بۇ باسقۇچنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقتە خىتاي بىلەن زىچ ئالاقە ئورنىتىۋاتىمىز، خىتايغا ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىش تەكلىپىنى سۇندۇق. دەرۋەقە، بۇ مەسىلىدە مۇتەخەسسىسلىرىمىز ئىنتايىن ئۇستىدۇر.»