تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تەدبىرلەرنى ئالدى

رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىن قازاقىستان، قىرغىزىستان،ئۆزبېكستان،تاجىكستان قاتارلىق دۆلەتلەر، ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى تىپلىق كوروناۋ ۋىرۇسى(2019-nCoV)نىڭ تېز تارقىلىشى سەۋەبىدىن بىر قاتار بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى.

1346872
تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تەدبىرلەرنى ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  رۇسىيە چارۋا-مال دوختۇرلۇقى ۋە ئۆسۈملۈك كۆزىتىش ئىدارىسى (Rosselhoznadzor) خىتايدا تارقىلىۋاتقان ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ رۇسىيەدە كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما پۇقرالارنىڭ خىتايغا بارماسلىقىنى تەۋسىيە قىلدى.

رۇسىيە ئايرودۇرۇملىرىدا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تەدبىرلەر ئېلىنىشقا باشلىدى.

قازاقىستاندا ئايرودۇرۇملار ۋە چېگرا ئېغىزلىرىدا كارانتىن قىلىش خىزمەتلىرى كۈچەيتىلدى. يېقىنقى كۈنلەردە خىتايدىن قازاقىستانغا كەلگەن 13 مىڭ يولۇچى بېكەتلەردە كامېرالار ئارقىلىق تەكشۈرۈلدى.

ھازىرچە ۋۇخەن ۋىرۇسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن قازاقىستان مەسئۇللىرى، خىتايغا بارماقچى بولغانلارنى زىيارىتىنى كېچىكتۈرۈشكە چاقىردى. ساياھەت قىلىۋاتقانلاردىن بولسا، سالامەتلىكىگە دىققەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

قىرغىزىستان دائىرىلىرى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر كۆپ يۈز بەرگەن رايونلارغا ساياھەتكە بارماسلىقنى، سۈت، گۆش ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىن يىراق تۇرۇشنى، تازىلىققا دىققەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى.

ئۆزبېكستان ئايرودۇرۇملىرىدىمۇ خىتايدىن كەلگەن يولۇچىلارنى كامېرالار ئارقىلىق تەكشۈرۈش باشلاندى. ۋىرۇس تەتقىقات مەركەزلىرىدە ھەر ئېھتىمالغا قارشى بېمارلار ئۈچۈن ئايرىم داۋالاش ئۆيى ئاجرىتىلدى. تەجرىبىخانىلار قان تەكشۈرۈش ئۈچۈن تەييار ھالغا كەلتۈرۈلدى.

تاجىكستان سومور ھاۋا يوللىرى شىركىتى خىتاي سەپەرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. خىتاينىڭ جەنۇبىي ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ تاجىكستان سەپەرلىرى توختىتىلدى.

تاجىكستان سەھىيە مىنىستىرلىقى ۋەزىيەت مۇقىملاشقىچە تاجىكستان پۇقرالىرىدىن خىتاي ساياھىتىنى كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى ۋە خىتايدىن كەلگەن يولۇچىلارنىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر