سىزنىڭچە ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشى يۈز بېرەمدۇ؟

دۇنيادا ي (Y) ئەۋلادلىرى (1980-يىلىدىن 1999-يىلى ئارىسىدا تۇغۇلغانلارنى كۆرسىتىدۇ) نىڭ يېرىمى ئۇرۇش ئېھتىمالىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن.

1342368
سىزنىڭچە ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشى يۈز بېرەمدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا قىزىل كىرېست كومىتېتى (ICRC) ي ئەۋلادلىرىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنىڭ، دۇنيادا بالايى ئاپەتكە سەۋەب بولىدىغان ئۇرۇش يۈز بېرىش ئېھتىمالىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خەلقئارا قىزىل كىرېست كومىتېتى 16 دۆلەتتە ي ئەۋلادلىرى دەپ قارالغان 20 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان 16 مىڭ كىشى ئۇرۇش ھەققىدىكى سوئاللارغا بەرگەن جاۋابلاردىن تۈزۈلگەن «ي ئەۋلادلىرى ۋە ئۇرۇش» تېمىلىق تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن تەركىپ تاپقان بىر دوكلاتنى ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تەتقىقاتقا قاتناشقۇچىلارنىڭ %47 ى ئۆمرى ئاخىرىغىچە ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلاش ئېھتىمالى بار؛ %74 ى بولسا، ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدىكەن.

بۇ كىشىلەرنىڭ %84 ى يادرو قورالى ئىشلىتىشنى «قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ قارايدىكەن. %54 كىشى كەلگۈسىدىكى 10 يىلدا يادرو ھۇجۇمى يۈز بېرىش ئېھتىمالىنى، يۈز بەرمەسلىك ئېھتىمالىدىن چوڭ دەپ قارايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر