ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىراندىن تۆلەم تۆلەشنى تەلەپ قىلدى

ئىران چۈشۈرۈۋەتكەن ئۇكرائىنا ئايروپىلاندا پۇقرالىرى جېنىدىن ئايرىلغان دۆلەتلەر، تېھران ھۆكۈمىتىدىن بارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ، خەلقئارالىق تەكشۈرۈشنى باشلاشنى ۋە ئائىلىلەرگە تۆلەم تۆلىشىنى تەلەپ قىلدى.

1342529
ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىراندىن تۆلەم تۆلەشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا، ئەنگلىيە، ئۇكرائىنا، شىۋېتسىيە، گوللاندىيە ۋە ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا كۆرۈشتى.

مىنىستىرلار «ھېساب بېرىش، ئوچۇق-ئاشكارىلىق ۋە ئادالەتنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» رامكىسىدا ئۆزئارا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرانچويس فىلىپ (François-Philippe) كېلىشىم تېكستىنى ئوقۇدى. تېكستتە، ئىراندىن ئالدى بىلەن، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇللىرىغا تولۇق ۋە ئىزچىل كونسۇلخانا خىزمىتى سۇنۇش تەلەپ قىلىندى.

جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ كىملىكلىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئىشلىرىنىڭ، مۇھىملىق، ئوچۇق-ئاشكارىلىق ۋە خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن بولۇشتەك پىرىنسىپلار بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى؛ ئائىلىلەرنىڭ ۋە يېقىن يورۇقلىرىنىڭ جەسەتلەرنى ئۆز دۆلەتلىرىگە ئېلىپ كېتىش تەلەپلىرىگە ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.

پۇقرالىرىنى يوقىتىپ قويغان دۆلەتلەرگىمۇ مۇستەقىل ۋە ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا خەلقئارالىق تەكشۈرۈش چاقىرىق قىلىنغان كېلىشىم تېكستىدە، ئىراننىڭ بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى ۋە ئائىلىلەرگە تۆلەم تۆلىشى، شۇنداقلا قۇربانلارنىڭ ئائىلىلىرىگە بولغان بارلىق مەسئۇلىيەتلەرنىمۇ قوبۇل قىلىشى تەلەپ قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا، مۇستەقىل بولغان جىنايى تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەسئۇلىيىتى بارلارنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى ۋە بۇ مۇساپىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئۇيغۇن، ئوچۇق-ئاشكارا، بىتەرەپ بولۇشىنىڭ ئەھمىيىتى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

2020-يىلى 8-يانۋار ئەتىگەندە ئىران پايتەختى تېھراندىكى خەلقئارا ئىمام ھۇمەينى ئايرودۇرۇمىدىن ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋگە قاراپ ئۇچقان يولۇچىلار ئايروپىلانى، كۆككە كۆتۈرۈلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، ئايروپىلاندىكى 176 كىشىنىڭ ھەممىسى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.

ئىران ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى ئۇكرائىنا ھاۋا يوللىرىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ «سەزگۈر ھەربىي نۇقتا» ئۈستىدىن ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندا «ئىنسانىي خاتالىق» تۈپەيلىدىن ھاۋا قوغدىنىش سىستېمىسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر